جۇڭگونىڭ كىيىم-كېچەك ئېكسپورت سوممىسى %55.01 ئاشتى

جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021-يىلى يانۋاردىن فېۋرالغىچە، جۇڭگونىڭ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئېكسپورت سوممىسى 46 مىليارد 188 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.01 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى (توقۇمىچىلىق يىپلىرى، رەختلەر ۋە مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 22 مىليارد 134 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.83 ئاشقان؛ كىيىم-كېچەك (كىيىم-كېچەك ۋە كىيىم-كېچەك قوشۇمچە زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ ئېكسپورت قىممىتى 24 مىليارد 54 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.02 ئاشقان.


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى